ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2021.05.31 13:02 مەنبە: خەلق تورى

  ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى

  شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، پۇرسەتنى ئالدىن ئىگىلەپ، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

  لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 20 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ 15 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، پۇرسەتنى ئالدىن ئىگىلەپ، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، يىغىن باشلاندى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

  قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 20 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ 15 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى بىز «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان مۇھىم پەيتتە دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىدىغان بىر قېتىملىق كاتتا يىغىن. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ھەرقايسى ئىش ئورۇنلىرىدا تىرىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاۋاتقان پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى 5 - قېتىملىق مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى، شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە بايراملىق سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە، پارتىيەمىز پەن - تېخنىكا ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، پەن - تېخنىكا ئىشلىرى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا باشتىن - ئاخىر ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش رىقابەت ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلىدى. بىز پارتىيەنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، ئاساسنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەشكىلىي سەپەرۋەرلىك سىستېمىسى ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرىدىغان پەن - تېخنىكا بايلىقىنى تەقسىملەش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردۇق. بىز دۇنياۋى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن يەر شارىۋى پەن - تېخنىكا تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئالدىن تۇتۇپ، ئۇل خاراكتېرلىك ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈشكە تىرىشتۇق. بىز پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشتا تىرىشىپ يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، مۇھىم پەن - تېخنىكا ساھەسىدە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بىز پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈردۇق. بىز ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، جاھاندىكى تالانت ئىگىلىرىنى توپلاپ ئىشقا قويۇپ، كەڭ پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىدۇق. بىز پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئېغىر، زور خىرىسلارنى ھەل قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلقنى مەنپەئەتلەندۈرۈشكە تىرىشىپ تۈرتكە بولدۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن - تېخنىكا ساھەسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى مىقدار جۇغلانمىسىدىن سۈپەت جەھەتتىكى ھالقىشقا، نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېما ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئاساسىي تەتقىقات ۋە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم ئىلگىرىلەش، ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدە يېڭى ھالقىش، يۇقىرى دەرىجىلىك كەسىپلەردە يېڭى بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى، پەن - تېخنىكا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك پەن - تېخنىكا ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، دۆلىتىمىزدىكى كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى زور نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ. دۆلىتىمىزدىكى كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش روھى، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى تىكلەش جاسارىتى، قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادىسى بىلەن دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلىي ئىجادىيەت خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. ئاساس تەتقىقاتتا دادىل ئىزدىنىپ، ئەسلىي ئىجادىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەبىئەتنى تونۇش چېكىنى كېڭەيتىپ، يېڭى بىلىش ساھەسىنى ئېچىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ جىددىي، ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىلەرگە يۈزلىنىپ، دۆلەتنىڭ جىددىي ئېھتىياجى ۋە كەلگۈسى ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ سوئال چىقارغۇچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچى كارخانىلار باشلامچى بولىدىغان، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرى تىرەك بولىدىغان، ھەرقايسى يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرى ئۆزئارا ماسلىشىدىغان يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەپ ئايلاندۇرۇش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆپ پەنلەر يۇغۇرۇلغان زامانىۋى قۇرۇلۇش ۋە تېخنىكا ئىلمىي تەتقىقاتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئاساس پەن ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكىسى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇكەممەل بولغان زامانىۋى پەن - تېخنىكا سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەت تەجرىبىخانىلىرى، دۆلەت پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات تىپىدىكى داشۆلەر، پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بۇرچى، مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىشنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئاچقۇچلۇق مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كۆپلەپ يارىتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە ئۇزاق كەلگۈسى مەنپەئىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، ئۇنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىۋاتقان مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات تىپىدىكى داشۆلەر ئاساس تەتقىقات چوڭقۇر بولۇش، پەنلەر گىرەلىشىپ يۇغۇرۇلۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساس تەتقىقاتتىكى ئاساسىي قوشۇن ۋە مۇھىم، زور پەن - تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىكى جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلىنىشى كېرەك. پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرى بازار ئېھتىياجى، توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، سۇپا تەشكىللەش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ ئاساسىي ئىقتىدارى ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، كەسىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان ئاساسىي تۈزۈمنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەشكىللىگۈچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. باھالاش تۈزۈمى قاتارلىق ئاساسىي ئىسلاھاتلارنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەت، نەتىجە - ئۈنۈم، تۆھپە يادرو قىلىنغان باھالاش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نەتىجىنىڭ يېڭىلىق يارىتىلىش سەۋىيەسى، ئايلاندۇرۇپ قوللىنىلىش نەتىجە - ئۈنۈمى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قوشقان ئەمەلىي تۆھپىسىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ زور جاسارەت بىلەن پەن - تېخنىكىنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەنى تۇتۇش، ئىسلاھاتنى تۇتۇش، يىرىك پىلاننى تۇتۇش، مۇلازىمەتنى تۇتۇش ئورنىغا ئاساسەن، ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، يىرىك پىلان، سىياسەت يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىپ، ئالىملارغا تېخىمۇ زور تېخنىكا لۇشيەنىنى بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە خىراجەتنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىنى مۇرەككەپ بولغان، زۆرۈر بولمىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم چەكلىمىسىدىن ئازاد قىلىش كېرەك. مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى تۇرغۇزۇش ۋە تەشكىللەش، باشقۇرۇش شەكلىنى ئىسلاھ قىلىپ، «ئېلان چىقىرىپ باشلامچى تاللاش» «بەيگە» قاتارلىق تۈزۈملەرنى يولغا قويۇپ، خىزمەت ئىستاژىغا ئېسىلىۋالماسلىق، بوسۇغا بېكىتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكا خادىملىرى ئىچىدىكى ھەقىقىي ئىقتىدارلىق، ئەمەلىي بىلىمى بار قەھرىمانلارنى قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئورۇنغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېچىۋېتىلگەن يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، يەر شارىۋى پەن - تېخنىكا ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش كېرەك. پەن - تېخنىكا دۇنياۋى خاراكتېرگە، دەۋر خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى. تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يەر شارىۋى نەزەر دائىرە بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى يېڭىلىق يارىتىش تورىغا پائال سىڭىشىپ، دىققەتنى كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەت پەن تەتقىقات خادىملىرى بىلەن بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يەر شارىۋى پەن - تېخنىكا ئىدارە قىلىشقا چوڭقۇر قاتنىشىپ، جۇڭگونىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلىپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو پەن - تېخنىكىسىنى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغان قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يەر شارىۋى ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيادىكى رىقابەت تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىختىساسلىقلار رىقابىتى، مائارىپ رىقابىتى. ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە بىر تۈركۈم ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قوللاپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى، قابىل ھۈنەرۋەنلەر، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپى ئۇستازلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ، بىزدە مۇشۇنداق ئىشەنچ بولۇشى كېرەك! پۈتۈن يەر شارىدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى توپلايدىغان پەن تەتقىقات يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلار، كەسپىي ئىختىساسلىقلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىش، پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش، ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى ئاساسلىق زېھنىنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش پائالىيىتىگە قارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك، پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى بىر قىسىم ئورۇنسىز كۈتۈۋېلىش، ئۇزىتىش پائالىيەتلىرىگە، زۆرۈر بولمىغان باھالاپ تەكشۈرۈش، باھالاش پائالىيەتلىرىگە، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە سەرپ قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسى دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا ساھەسى ۋە قۇرۇلۇش پەن - تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي ئىلىم - پەن ئاپپاراتى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى. ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ دۆلەت كوماندىسى بولۇشتەك ئىلمىي يېتەكچىلىك رولى، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش رولى، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم، زور ئەسلىي ئىجادىيەتتىكى ئىلمىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشتىكى «ئادەمسىز رايون»غا باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ كىرىپ، تەرەققىياتنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىۋاتقان ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى بايقاش، يېتىشتۈرۈش، توپلاش كېرەك. ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقىللار ئامبىرىلىق فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالىملارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسلىھەت بېرىش، باھالاشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقە باغلايدىغان كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇشتەك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى پارتىيە ئەتراپىغا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. دۇنياغا يۈزلىنىشتە، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا پەن - تېخنىكا ساھەسىگە قارىتا ئېچىۋېتىش، ئىشىنىش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى دۆلەتنىڭ بايلىقى، خەلقنىڭ پەخرى، مىللەتنىڭ شان - شەرىپى. ئاكادېمىكلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاكادېمىكلار نامىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شان - شەرەپكە، ئىلمىيلىككە ئىگە قىلىپ، ئاكادېمىكلار نامىنىڭ ساپلىقىنى قوغداش كېرەك. كەڭ ئاكادېمىكلارنىڭ ۋەتەننى قەلبىگە پۈكۈش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى، ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى، ئىلىم ئەخلاقىدا چىڭ تۇرۇش، ئىلىم - پەن بىلەن شۇغۇللىنىشتا ئەستايىدىل ۋە ئېھتىياتچان بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى، ئۆز مەنپەئىتىدىن كېچىپ باشقىلارغا ياردەم بېرىش، كېيىنكىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كەڭ ئاكادېمىكلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ۋەتەننىڭ چاقىرىقىغا بويسۇنۇپ، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىپ، ئىلىم ئەخلاقى ۋە پەن تەتقىقات ئەخلاقىدا چىڭ تۇرۇپ، كېيىنكىلەرنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغۇچى ۋە يول باشلىغۇچى بولۇپ، پارتىيە ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىشى، بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىختىساسلىقلارغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئاكادېمىكلارغا سىياسىي جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىپ، خىزمەتتە قوللاپ، تۇرمۇشتا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاكادېمىكلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، پەن تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى ئىلمىي باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىغا ياخشى يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە، پارتىيەمىزنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردىكى پەن - تېخنىكا ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر خۇلاسىلەندى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشى تەھلىل قىلىندى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى ۋە جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا قارىتا سەمىمىي ئۈمىدى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، دۆلىتىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى، قىسمەن چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئاكادېمىكلار، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى 10 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بولۇپ تەخمىنەن 3000 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ