مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ نامىبىيەزۇڭتۇڭى گېنگوبغاھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى

2021.06.04 11:41 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نامىبىيە زۇڭتۇڭى گېنگوب ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2-ئىيۇن زۇڭتۇڭ گېنگوبغا تېلېگرامما يوللاپ ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى ۋە گېنگوس خانىمنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق، مەن ۋە خانىمىم پېڭ لىيۈەن ئىككىمىز سىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمىز، سالامەتلىكىڭلارنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز.

  يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن نامىبىيە ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇردى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇرلاشتى. مەن جۇڭگو-نامىبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ گېنگوب بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ