مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

تېخىمۇ كۆپ بازارلاشقان ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىشقا ئورۇنلىشىش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك

2021.06.07 14:12 مەنبە: خەلق تورى

  سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

  مەملىكەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى6-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، ئىجتىمائىي بايلىق يارىتىشنىڭ مەنبەسى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشىدىكى مۇھىم تىرەك. بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل ۋە ئېغىر. ھەرقايسى جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇش كېرەك. باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر قاتارلىق بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشىنى قوللاپ، تېخىمۇ كۆپ بازارلاشقان ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سۈپىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئەمگەك كۈچى، ئىختىساسلىقلار، مەدىكارلار بازىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى قوللاپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارغا ياردەم بېرىش-يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشسىزلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك! جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پائال تۈردە يېڭى ئىش ئورنى يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سىغىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇللۇق ۋە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بازارلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشنى قوللاپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىگە كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەت ۋەزىپىسىنى سان-سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا تاماملاپ، تۈرلۈك تەربىيەلەش ئورۇنلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئۈنۈملۈك قوزغاپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، قۇرۇلمىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش زىددىيىتىنى پەسەيتىش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مەكتەپتىن ئايرىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مۇلازىمەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، تەمىنلىگۈچى بىلەن ئېھتىياجلىق ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچۇرىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش قاراتمىلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى توغرا ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشى تۇرغۇزۇشقا، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، مەكتەپتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن مەكتەپلەردە تەكلىپ قىلىش قىزغىنلىقىنىڭ تۆۋەنلىمەسلىكىگە، مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتىنىڭ جىپسىلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسەت خاراكتېرلىك ئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار، تېببىي خادىملار قاتارلىق ئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىش ۋاقتىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش»، «ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچى»، «غەربىي رايون پىلانى» قاتارلىق ئاساسىي قاتلام ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈرلىرىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. بازارلاشقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دۆلەتنىڭ يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كارخانىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا جەلپ قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇلى بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ