مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«تۆت يېرىم»نى «بەش يېرىم»غا ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟

2021.05.14 20:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىككى كۈندىن بۇيان شېنياڭدىكى «تۆت يېرىم ئانىلار ئۆمىكى» نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. ئۆتكەن 11 يىلدا، ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەنگەن «ئانىلار ئۆمىكى» تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوشنىلارغا ياردەم بېرىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى، كۆلىمى تۆت كىشىدىن 45 كىشىگە يەتتى، ئەتراپتىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ قوشۇلۇپ كىرىپ، ھەقسىز قورشاۋ شاھمات سىنىپى، خەتتاتلىق سىنىپى ئاچتى... «ئانىلار ئۆمىكى» نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى مەكتەپتىن ئەكىلىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى شۇنداقلا كىشىلەرگە دوستانە كۈچ ھېس قىلدۇردى.

  لېكىن، ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىغاندا، «سائەت تۆت يېرىم قىيىن مەسىلىسى» ناھايىتى ئامالسىز بىر ئىشتۇر − بالىلارنى مەكتەپتىن قويۇپ بەردى، لېكىن ئاتا-ئانىلار تېخى ئىشتىن چۈشمىدى. «تۆت يېرىم»نى «بەش يېرىم»غا ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەسىلە كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ئوقۇتقۇچىلار بەك ھېرىپ كەتتى»، «ئوقۇتقۇچىلارمۇ تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك» دېگەندەك تەلىپى ئاساسسىز ئەمەس، لېكىن بۇ زىددىيەتنى راستتىنلا ھەل قىلغىلى بولمامدۇ؟

  ئەمەلىيەتتە، خىزمەت بېسىمى ئېغىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى سىنىپ مۇدىرى ۋە بىر قانچە مۇھىم پەنلەردىكى دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، مەكتەپلەر مۇنداق قىلىپ سىناپ باقسا بولىدۇ، يەنى: ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، «ئاغرىپ قالغان تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى» ۋە «ئىشى چىقىپ قالغان مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى» قاتارلىقلار كۆپ خىل شەكىلدىكى دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، سىنىپ مۇدىرى ۋە ھەرقايسى مۇھىم پەنلەردىكى دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ئارام ئالدۇرسا بولىدۇ.

  ئەلۋەتتە، «تۆت يېرىم»نى «بەش يېرىم»غا ئۆزگەرتىشتە ئوقۇغۇچىلارنى مەركەز قىلىش لازىم، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقىنى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللىشى كېرەك. باشقۇرۇشقا قولايلىق بولسۇن دەپلا ئوقۇغۇچىلارنى بىر تۇتاش قاتنىشىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت نامىدا قالايمىقان ھەق ئېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، بولمىسا دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتىكى دەسلەپكى مەقسەتتىن چەتنەپ كېتىدۇ.

  ئەڭ مۇھىمى، ئالاقىدار تارماقلار خىراجەتكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت مۇلازىمەت سېتىۋېلىش، مالىيە ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئائىلىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرماسلىق بىلەن بىللە، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە قاتناشقان مەكتەپ، ئورۇن ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا روھىي ۋە ماددىي جەھەتتىن ئەڭ زور دەرىجىدە ئىلھام بېرىشى كېرەك.

  پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، «سائەت تۆت يېرىم قىيىن مەسىلىسى» ئاندىن ئۈنۈملۈك ھەل بولىدۇ، مەكتەپكە بالىنى ئالغىلى بارغانلارمۇ ھەقىقىي «ئانىلار ئۆمىكى»گە ئايلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ