مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۈكنى يېنىكلىتىشتە مۇئەللىمنىڭ ۋاقتىنى دەرسخانىغا قايتۇرۇپ بېرىش لازىم

2021.05.17 19:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ «يۈكىنى يېنىكلىتىش بۇيرۇقى» چىقىرىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇش، باھالاش ئىشلىرىنى ھازىرقى ئاساستا %50 تىن كۆپرەك ئازايتىشنى پىلانلىدى.

  مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى ئېنىقلاپ، باھالاش قېتىم سانىنى بەلگىلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ «يۈكنى يېنىكلىتىش بۇيرۇقى» ئىنتايىن كۈچلۈك رېئال قاراتمىلىققا ئىگە. بىر مەزگىلدىن بۇيان، دەرس سىرتىدىكى بىر قاتار ئىشلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇھىم خىزمىتىگە ئايلاندى. گەرچە ئەڭ دەسلەپكى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋاپىقلىقى بار بولسىمۇ، لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «قوشۇمچە كەسپى» بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەر بىر تۈردە بىر قانچە جەدۋەل ماتېرىيالى، تەسىرات، پائالىيەت پىلانى قاتارلىقلارنى تەييارلاش زۆرۈر بولدى. بىر ئادەمنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنىي كۈچى ھامان چەكلىك بولىدۇ، ۋاقتى ۋە زېھنىي كۈچى بۇ ئىشلاردا بەك كۆپ سەرپ بولۇپ كەتسە، دەرس ئۆتىدىغان ئاساسىي كەسىپكە سەرپ قىلىنىدىغىنى تەبىئىي ھالدا ئازىيىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىدە نارازىلىق بار بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرىنىڭ تەلىپى ئالدىدا ئېغىز ئېچىپ «ياق» دېيىش تەس. ھازىر ئالاقىدار تارماقلار يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش جەھەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، باھالاش مېخانىزمىدىكى زۆرۈر بولمىغان ئامىللارنى يوقىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېسىمىنى كۆرۈنەرلىك يېنىكلىتىشتىن ئۈمىد بار.

  مۇز بىر كۈندىلا قاتقان ئەمەس. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يۈكنى يېنىكلىتىش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئېنىقلا بىر ياخشى باشلىنىش. لېكىن ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتەلەمدۇ -يوق، يەنە كېيىنكى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا قاراش كېرەك. نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە دەل «ئادەم سانى يېتىشمىسە ئوقۇتقۇچىلارنى چاقىرىش» تەپەككۇرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئوقۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن تازىلاپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئىجرا قىلىش كۈچلۈك بولمىغان ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ۋاقىتنى دەرسخانىغا، ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇغۇچىلارغا قايتۇرۇپ بېرىشتىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە، يۈكنى يېنىكلىتىش پۈتۈنلەي يۈكسىز بولۇش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋاقىت ۋە زېھنىنى ئاساسىي كەسىپكە سەرپ قىلدۇرۇپ، دەرسخانىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار، سۈپەتلىك دەرسخانىنىڭ ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ مۇناسىپ نازارەت قىلىش، باھالاش مېخانىزمىنى ئورناتقاندىلا، ئاندىن ئوقۇتقۇچىلارنى دەرسنى ياخشى ئۆتۈشكە، ياخشى ئوقۇتۇشقا مەجبۇرلىغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ