مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سەككىز تارماق ھۆججەت تارقىتىپ، كارخانىلار قۇرغان تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى «داشۆ» نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2021.05.19 19:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئاپپاراتلار ھەر خىل ناملار بىلەن ھەر خىل «داشۆ» ۋە «شۆيۈەن»لەرنى قۇردى، لېكىن بۇ ناملارنى خالىغانچە قوللىنىشقا بولامدۇ؟ قايسى ئورگانلارنى «داشۆ» ياكى «شۆيۈەن» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ؟

  يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق «‹داشۆ›، ‹شۆيۈەن› نامىنى تىزىملاپ ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، «داشۆ»، «شۆيۈەن» قاتارلىق ناملارنى تىزىملاپ ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇردى ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كارخانا تەسىس قىلغان تەربىيەلەش ئاپپاراتىنى داشۆ دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ

  ھۆججەتتە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كارخانا قۇرغان، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، تىزىملاش ھاجەتسىز بولغان ئىچكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا قارىتا، ئالاقىدار تارماقلار بۇنداق ئاپپاراتلارنىڭ نامىنى قوللىنىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم، «داشۆ»، «شۆيۈەن» دېگەن سۆزنىڭ نامى ۋە قىسقارتىلمىسىنى قوللىنىپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى تەشۋىقات قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا بولمايدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرەققىيات-پىلان مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى ھۆججەت چىقىرىش ئارقا كۆرۈنۈشىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار تەسىس قىلىنىپ، تەستىقلاتماي تۇرۇپ «داشۆ»، «شۆيۈەن» نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ ھەمدە سىرتقا قارىتا تەشۋىقات، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ خاتا چۈشىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مائارىپ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلدى.»

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئالىي مائارىپ قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن «داشۆ» ۋە «شۆيۈەن» ئالاھىدە ئىقتىدار ۋە رولغا ئىگە قانۇنىي ئىگە تەشكىلات بولۇپ، دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم ۋە تەرتىپ بويىچە تەستىقلىنىپ تەسىس قىلىنىدۇ. ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ھەر خىل ئاپپاراتلارنىڭ نامى ياكى قىسقارتىلىپ ئاتىلىشىدا «داشۆ» ۋە «شۆيۈەن» دېگەن خەتلەرنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. لېكىن نۆۋەتتە، بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا مۇناسىپ بەلگىلىمە كەمچىل.

  ھۆججەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن «پىكىر» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئالتە ئاي ئىچىدە ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  مۇددەت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا «داشۆ» ۋە «شۆيۈەن» دېگەن خەتلەرنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلىتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغانلارنى مەسئۇل بولۇش ۋە تەۋەلىك پىرىنسىپى بويىچە مائارىپ، ئاپپارات ئىشتاتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، خەلق ئىشلىرى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار قانۇن بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ساختا ئېلان ياكى تەشۋىقاتقا چېتىلىدىغانلىرىنى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە جازالايدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ