مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خۇنەندىكى بىر ئوقۇتقۇچى پۇل ئىئانە قىلمىغان ئوقۇغۇچىلارنى سىنغا ئېلىپ ئاتا-ئانىلار توپىغا يوللىغانلىقتىن، مەمۇرىي گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلدى ھەمدە يۆتكىۋېتىلدى

2021.05.21 20:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا خۇنەن ئۆلكىسى شياڭشى تۇجيازۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يۇڭشۈن ناھىيەسىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى ئىئانە قىلىشقا قاتناشمىغان ئوقۇغۇچىلارنى سەپكە تىزىلدۇرۇپ سىنغا ئالغان ھەمدە سىننى ئاتا-ئانىلار توپىغا يوللاپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ پۇل ئىئانە قىلىشىنى قوللىشىنى ئېيتقان. بۇ سىن ئارقىدىن تورغا يوللانغان ھەمدە قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان.

  يۇڭشۈن ناھىيەلىك مائارىپ-تەنتەربىيە ئىدارىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، شابا بازارلىق مەركىزىي ۋەنچۈەن باشلانغۇچ مەكتىپى 1-يىللىقنىڭ سىنىپ مۇدىرى شيې × × ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى تەشكىللىگەندە، بۇ قېتىمقى ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنىڭ روھىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلىشتا زور ئېغىش ۋە سەۋەنلىك كۆرۈلگەن، خىزمەت ئۇسۇلى ئاددىي، قوپال، پوزىتسىيەسى بىخەستە بولۇپ، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى بىر رەت قىلىپ تىزىپ سىنغا ئېلىپ، سىنىپنىڭ ئاتا-ئانىلار توپىغا ئەۋەتىپ، ئاتا-ئانىلارنى ئىئانە توپلاشقا سەپەرۋەر قىلغان، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىياتىنى نەزەرگە ئالمىغان، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىئانە توپلاش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلماي، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىزارلىقىنى قوزغاپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. ئىشتىن كېيىن، تەنقىد-تەربىيە بېرىش ئارقىلىق، شيې × × تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن كەچۈرۈم سورىدى ھەمدە ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئېيتىشىچە، مەكتەپ 16-چېسلا بىر مەيدان پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتى تەشكىللەپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئالتە يۈەن ئىئانە قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان، ئىككىنچى كۈنى، بەزى بالىلار ئاتا-ئانىسىغا ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن پۇل ئىئانە قىلالمىغان.

  ھازىر يۇڭشۈن ناھىيەلىك مائارىپ-تەنتەربىيە ئىدارىسى يىغىنىدا مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، شابا بازارلىق مەركىزىي ۋەنچۈەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شيې × × كە مەمۇرىي گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىپ، بۇ مەكتەپتىن يۆتكىۋېتىش قارار قىلىندى؛ مەكتەپ مۇدىرى پېڭ فامىلىلىك شۇ جايدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ يوڭشۈن ناھىيەلىك مائارىپ فوندى جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتچىسى تەن فامىلىلىك بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلدى؛ شابا بازىرى مەركىزى ۋەنچۈەن باشلانغۇچ مەكتىپى ناھىيە بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ