مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چەت ئەل تاراتقۇلىرى يۈەن لۇڭپىڭنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلدى

2021.05.25 19:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 13 تىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە، «شالغۇت شال ئاتىسى»، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى يۈەن لۇڭپىڭ 91 يېشىدا ۋاپات بولدى. رېيتېر ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى، ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»، ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»، لاتىن ئامېرىكىسى ئاگېنتلىقى قاتارلىقلار بۇ خەۋەرنى دەرھال خەۋەر قىلدى.

  ئامېرىكا بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى يۈەن لۇڭپىڭنى «جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە سىمۋول قىلىنغان ئالىم» دەپ ئاتىدى، ئىسپانىيە «21-ئەسىر دۇنيا گېزىتى»دە، 91 ياشلىق بۇ يېزا ئىگىلىك ئۇستازى ئاسىيانىڭ قەھرىمانى دەپ قارىلىپ، «دۇنيادىكى بەشتىن بىر قىسىم نوپۇسنى باققانلىقى» بىلەن تەرىپلەنگەن، دېيىلدى. ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» يۈەن لۇڭپىڭنى: «ئۇنىڭ يۇقىرى ھوسۇللۇق شال سورتى پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز جېنىنى بېقىشىغا ياردەم بەردى»، دەپ تەرىپلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ