مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشى! بۇ مەكتەپلەردە سۇ ئۈزۈش دەرسى تەسىس قىلىنىدۇ

2021.06.04 12:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تېمپىراتورىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋا بارغانسېرى ئىسسىپ، كەلكۈن مەزگىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش ھادىسىلىرى كۆپ يۈز بېرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى«ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ھەر قايسى جايلارنى سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ھەلقىلغۇچ ۋاقىت مەزگىلىگە دىققەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش، مەكتەپتىن قويۇپ بېرىش ۋە ھەپتە ئاخىرى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى قاتارلىق ۋاقىت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئائىلە بىلەن مەكتەپنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىش مەزگىلىدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئالدىن ئېلىش كېرەك. دىققەتنى ئالدىن ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى «ئالتىنى قىلماسلىق» تەشۋىقاتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا قايتا-قايتا ئەسكەرتىپ،ئۇلارنى قارىغۇلارچە سۇغا چۈشمەسلىك، قۇتقۇزۇش، قول تۇتۇشۇپ قۇتقۇزۇشتەك خەتەرلىڭ ھەرىكەتلەرنى قارىغۇلارچە قىلماسلىققا دەۋەت قىلىش كېرەك. سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلاردىكى مەكتەپلەر ئاكتىپلىق بىلەن ياخشى شارائىت يارىتىپ، سۇ ئۈزۈش دەرسىنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇ ئۈزۈش ماھارىتى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزىنى قوغداش ئقتىدارىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ۋاقتىدا ئۆيگە قايتىشقا دەۋەت قىلىش، سىرتتا ئايلانماسلىقنى ئەسكەرتىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:ھەر قايسى جايلار نۇقتىلىق، خەتەرلىك سۇ رايونلىرىغا دىققەت قىلىپ، شۇ جايدىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت تەۋەلىكىدىكى سۇ رايونىدا تۇنجۇقۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىدىغان نۇقتىلىق ۋە خەتەرلىك سۇ رايونلىرىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تەرتىپكە سېلپ، نۇقتىلىق ئوقۇغۇچىلار توپىغا دىققەت قىلىپ، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا، بولۇپمۇ ئۆيىدە قالغان بالىلار، ئالاھىدە ئائىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش«بىرلەشمە مۇداپىئە گۇرۇپپىسى» قۇرۇپ، ئۆزئارا ئەسكەرتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ساۋاقداشلارنىڭ ئۆز ئالدىغا سۇغا چۈشۈش ۋە خەتەرلىك سۇ رايونىغا بېرىپ ئويناشتەك خەتەرلىك قىلمىشلارنى ۋاقتىدا توسۇش ھەمدە ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر قايسى جايلار دىققەتنى بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتىپ، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت ئەھۋالىنى مائارىپ سۈپىتىنى باھالاش ۋە مائارىپ مەمۇرىيىتى، مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمىتىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئىلغارلارنى باھالاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشى كېرەك. سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش زور ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئالاقىدار ئورۇن ۋە مەسئۇل كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن ۋە بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ