مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى! ب د ت كۈچلۈك ئەيىبلىدى

2021.06.08 14:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 4- ئىيۇن كەچتە سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر توپ ھۇجۇمچىلار بۇركىنافاسوساخلې رايونىنىڭ ياگا ئۆلكىسىدىكى بىر كەنتكە ھۇجۇم قىلىپ، 100دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يەتتە بالا بار ئىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ۋە غەربىي ئافرىقا ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى ئايرىم-ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنىڭدىن غەزەپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇركىنافاسو ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بىر توپ قوراللىق ئۇنسۇرلار بۇ دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ياگا ئۆلكىسى سورخان رايونىدىكى بىر كەنتكە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئاز دېگەندە 132 ئادەم ئۆلگەن، شۇ جايدىكى ئۆي ۋە بازارمۇ كۆيۈپ كەتكەن. بۇ بۇركىنا فاسودا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەن. باياناتچى ئېلان قىلغان باياناتتا، ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان بۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەم خەلقئارا جەمئىيەتكە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ زوراۋانلىققا ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىشىنى ھەسسىلەپ قوللاپ، قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان تالاپەتتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  گۇتېررېس قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە بۇركىنا فاسو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ يارىدارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىدى ھەمدە ب د ت دائىرىلىرىنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە بىرلىكىگە بولغان تەھدىتىنى تىرىشىپ تۈگىتىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  باش ك اتىپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى قوشۇمچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەربىي ئافرىقا ۋە ساخېل ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەت ئانادىۋمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتىلغان بۇ رەزىل تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

  ئانادىۋ بۇركىنافاسو ھۆكۈمىتىنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغانلارنى قولغا ئېلىپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ ب د ت نىڭ بۇركىنافاسو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش ۋە تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ