مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر بېسىپ تارقاتتى

2021.06.09 09:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە

  بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.«دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقاردى، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش، شىچۈ تىياتىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاش قاتارلىق سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى ئىسلاھاتى تەرەققىياتىدا پائال ئىلگىرىلەش بولدى. لېكىن، خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىغا سېلىشتۇرغاندا، دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ تەشۋىقات-ئىدىيە سېپىدىكى ئاساسىي بازىلىق رولىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئىجادىيەت، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تېخى ماس كەلمەيدۇ، ھاياتىي كۈچى تېخى تولۇق قوزغىتىلغىنى يوق. دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  1. ئومۇمىي تەلەپ

  (1) يېتەكچى ئىدىيە. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچ-ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئويۇن قويۇشنى مەركىزىي ھالقا قىلىپ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، بەدىئىيلىكى كامالەتكە يەتكەن، نەپىس سەھنە سەنئىتى نادىر ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتىكى مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

  2 . خىزمەت پىرىنسىپى

  __ پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش. پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى كۆزلەش، سىياسەت بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت ۋە تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  __ سەنئەت تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش. سەھنە سەنئىتى نادىر ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشنى كۈچەيتىشنى نۇقتىلىق ۋەزىپە، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، ئىجادىيەت يىرىك پىلانىنى يېتەكچى قىلىپ، كەڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپ، نادىر سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ئىختىساسلىقلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  __ ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى باشتىن-ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ بىرلىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئارقىلىق چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنى يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى ئاڭلىق ھالدا ئەخلاق-سەنئەتتە كامالەتكە يېتىشكە ئىنتىلىپ، سالاپەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇسلۇبقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، پەسكەش، چاكىنىلىققا قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  __ ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. مەسىلە يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ۋە سىياسەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، بايلىق تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچ ۋە بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

  (3) ئاساسىي نىشان. سىنارىيەنىڭ سۈپىتى يۇقىرى، مىقدارى كۆپ، نومۇرلىرى رەڭدار، تىياتىرخانا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، تىياتىر ئۆمەكلىرىدىن ئىختىساسلىقلار تۈركۈملەپ يېتىشىپ چىقىدىغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات تۈزۈلمە-مېخانىزم ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ ئىجاد قىلىش، ئويۇن قويۇش سۈپىتى، باشقۇرۇش سەۋىيەسى، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ سەھنە سەنئىتى ئىجادىيىتىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى ۋە يېتەكچىلىك رولىنى مۇستەھكەملەش ۋە جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  2 . نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر

  (1) فۇنكسىيەلىك ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى تايانچ كۈچ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، مەدەنىيەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ. دۆلەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق يۇرت، ئۆمەكلەر «دۆلەت كوماندىسى» ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت سەۋىيەسى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىدىغان، خەلقئارا تەسىرگە ئىگە مۇنەۋۋەر سەھنە سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۈچەپ ئىجاد قىلىپ، بۇ ئارقىلىق سەنئەت تۈرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)گە قاراشلىق يۇرت، ئۆمەكلەر يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بايلىقلارنى تولۇق قېزىپ، رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە سەنئەت تۈرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۆز رايونىنىڭ سەھنە سەنئىتى ئىجادىيىتىنىڭ باشلامچىسى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىسىگە ئايلىنىشى كېرەك. شەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماق) ۋە ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن)غا قاراشلىق يۇرت، ئۆمەكلەر پىرىنسىپ جەھەتتە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلىپ، سىياسەت تەشۋىقاتى، ئاممىۋى مۇلازىمەت، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى، سەنئەتنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك يۇرت، ئۆمەكلەر دۆلەت ۋە شۇ جاينىڭ مۇھىم، زور باش تېمىلىق ئىجادىيەت، ئويۇن قويۇش ۋەزىپىسىنى پائال ئۈستىگە ئېلىپ، ئاساسىي قاتلام ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرت، ئۆمەكلىرىگە بولغان كەسپىي يېتەكچىلىك ۋە قوشۇننى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  (2) ئىسلاھاتنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خاراكتېرىنى ساقلاپ قالغان دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، مالىيە، كادىرلار ئىشلىرى، كىرىم تەقسىماتى قاتارلىق تۈرلۈك سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشى كېرەك. تەشكىللەنگەن ئويۇن قويۇش كارخانا گۇرۇھلىرى بىرىكتۈرۈش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ تايانچ مەدەنىيەت كارخانىسىغا ئايلىنىشى كېرەك. كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خاراكتېرىنى ساقلاپ قېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى بازارنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، شارائىت يارىتىپ كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىشى كېرەك.

  (3) دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. مەمۇرىيەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنى، كەسپىي ئورۇنلار بىلەن كارخانىلارنى، باشقۇرۇش بىلەن قۇرۇشنى ئايرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىگە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەرگەن دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەك (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ تۈزۈمى ئۆزگەرگەن يۇرت، ئۆمەك دېيىلىدۇ)لىرىنىڭ قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىچكى ھەرىكەت مېخانىزمى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۈلۈك تەشكىللەش شەكلى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ ئىچكى قىسىمدا تەدبىر بەلگىلەش ۋە چەك قويۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ-چوڭ تەدبىر بەلگىلەش، مۇھىم كادىرلارنى تەيىنلەش-قالدۇرۇش، چوڭ-چوڭ تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كۆپ سوممىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىش ھەم بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئىجرا قىلىشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئىشچى-خىزمەتچىلەر (ۋەكىللەر) يىغىنىنىڭ فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېموكراتىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  (4) مۇنەۋۋەر سەھنە ئەسىرى ئىجادىيىتىگە يار-يۆلەك بولىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، رېئال تېما، ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسى، مۇھىم، زور ئىنقىلاب ۋە تارىخىي تېما، ياشلار-ئۆسمۈرلەر تېمىسى، ھەربىي ئىشلار تېمىسى قاتارلىق سېنارىيە ئىجادىيىتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىنى چوڭقۇر قېزىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى پائال ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئەسلىي ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سەنئەت ئىجادىيىتى تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى ياكى سەنئەت تەتقىقات يۇرتى(ئورۇن)لىرىنى ئىجادىيەت ئىشخانىسى قاتارلىق ئىجادىيەت ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ تۈرلۈك سەنئەت فوندى ئىچىدىن شارائىتى بارلىرى سەھنە ئەسىرى ئىجادىيىتىگە ياردەم بېرىشنى ئالاقىدار ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلانغا كىرگۈزۈپ، سەھنە ئەسىرى، رېژىسسورلۇق، مۇزىكا ئىشلەش قاتارلىق ئىجادىي، ئاساسىي ھالقىلار ۋە مۇنەۋۋەر ئىجادىيەت ئىختىساسلىقلىرىغا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. سەھنە ئەسىرى ئىجادىيەتچىلىرىنى تەربىيەلەشنى قوللاپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىجادىيەت ئىختىساسلىقلىرىنى يۆلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ ئىجادىيەت، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللاپ، دىراماتورگلارنىڭ تۇرمۇش ئۆگىنىشى، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. كېلىشىملىك ئىجادىيەت، خېرىدار چاقىرىش ئىجادىيىتى، چېگرا ھالقىغان بىرلەشمە ئىجادىيەت ۋە بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىجادىيىتى قاتارلىق مېخانىزملار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، نۇقتىلىق سېنارىيەدە نۇقتىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، نۇقتىلىق ئىجادىيەت سۇبيېكتلىرىنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سەھنە ئەسىرى ئىجادىيىتىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو مىللىيخەلق ئەدەبىيات-سەنئەت ئاساسىي بايلىقى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بىلەن جىپسىلىشىپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى كىلاسسىك سىنارىيەلەرنى سىستېمىلىق رەتلەپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، سىنارىيەلەرنى ئۆزگەرتىپ، مۇنەۋۋەر سىنارىيەلەرنى تونۇشتۇرۇش سودا سۇپىسى قۇرۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ نومۇرلارنى رېپېتىتسىيە قىلىشىنى قولايمۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  (5) ئويۇن قويۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېتەكچىلىكى توغرا، مەزمۇنى جانلىق، ئامما ياقتۇرىدىغان، دائىم ئوينىلىپ تۇرىدىغان يېڭى تىياتىر نومۇرلىرىنى يارىتىش، ئورۇنداش مېخانىزمىبەرپا قىلىپ، سەنئەت كومىتېتى ياكى سەنئەت باش نازارەتچىسى ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ، تىياتىر يارىتىش بويىچە تېما تاللاش، دەلىللەش، باھالاشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ سەنئەت شەكلىگە ئاساسەن، دىققەتنى كىلاسسىك ۋەكىللىك ئەسەرلەر، يېڭىدىن تۈزۈلگەن ۋە ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن تىياتىر نومۇرلىرى، رېئال تېمىدىكى ئەسلىي ئىجادىي ئەسەرلەر قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان ئويۇن قويۇش شارائىتىغا ماسلىشىپ، ئوخشاش بولمىغان ئويۇن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، مۇنەۋۋەر تىياتىر نومۇرلىرىنىڭ كىلاسسىك نۇسخىسى، نەق مەيداندا قويۇش نۇسخىسى، سەييارە ئويۇن قويۇش نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تىياتىرنىڭ بارلىققا كېلىش تېمىسى ۋە نۇسخىسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جۇڭگو شىچۈ تىيارىتى ئۈن-سىن قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ھازىرقى مەدەنىيەت بايلىقى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن پايدىلىنىپ شىچۈ تىياتىرى تۈرى نومۇرى سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سۇپىسى قۇرۇپ، دىراما ئىجادىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سەھنە تىياتىرلىرىنى ئىجاد قىلىش بىلەن كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىجاد قىلىشنىڭ جىپسىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، تاراتقۇلار بىلەن دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ پائال ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رادىيو-تېلېۋىزىيە، تور، ئۈن-سىن، يېڭى تاراتقۇ قاتارلىق تارقىتىش يوللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سەھنە تىياتىرلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. شارائىتى يار بېرىدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنى تىياتىر پاي تۈزۈمى، تۈر تۈزۈمى قاتارلىق كۆپ خىل جانلىق ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

  (6) ئارتىسلارنىڭ كۆپرەك ئويۇن قويۇشىغا ئىلھام بېرىدىغان رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سەنئەت ئەخلاقى، سەنئەت ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ ئويۇننىڭ سانى ۋە سۈپىتىنى ئۇنىۋېرسال باھالاپ، باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئارتىسلارنىڭ كىرىم تەقسىماتى، ئۇنۋانىنى باھالاش ۋە پاراۋانلىق كاپالىتىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئارتىسلارنىڭ تالانتىنى تولۇق نامايان قىلىشىغا ياخشى تۈزۈلمە-مېخانىزم مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. كىرىم تەقسىماتى بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇكاپات خاراكتېرلىك ئۈنۈم مائاشىنىڭ تارقىتىلىش دەرىجىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش كېرەك. كۆپ ئويۇن قويغانلار كۆپ ھەق ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە، ئارتىسلارنىڭ كىرىم سەۋىيەسىدىكى پەرقنى مۇۋاپىق چوڭايتىپ،ئويۇن قويۇش كىرىمىنى كەسپىي تايانچلار ۋە گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقان ئىختىساسلىقلارغا، بىرىنچى سەپتىكى ئارتىسلارغا، ھالقىلىق ئىش ئورۇنلىرى ۋە ئالاھىدە ئىش ئورۇنلىرىغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنى، كەسپىي تايانچلار ياكى جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارغا قارىتا كېلىشىملىك مائاش، تۈر مائاشى، يىللىق مائاش تۈزۈمى قاتارلىق تەقسىمات ئۇسۇلىنى يولغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

  ئويۇننىڭ سانى، سۈپىتى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خاراكتېرىنى ساقلاپ قالغان دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ ئۈنۈم مائاشى ئومۇمىي مىقدارىنى مۇۋاپىق بېكىتىش، ئورۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا تەقسىم قىلغاندا ئېھتىياجغا قاراپ ئىجادىيەت، ئويۇن، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار تولۇقلىمىسى قاتارلىق ئۈنۈم مائاشى تۈرلىرىنى تەسىس قىلىش كېرەك. تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىلگەن ئۆمەكلەر ئېرىشكەن ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئويۇن كىرىمىنى ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققى قىلىپ تارقاتسا بولىدۇ. سەھنە سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئۇنۋان باھالاشتا ئوخشاش بولمىغان سەنئەت تۈرىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ سەنئەت ئويۇنى ۋە تىياتىر ئىجادىيىتىدە نامايان قىلغان ئىقتىدارى، نەتىجىسىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، سەنئەت ئىجادىيىتى ئەسەرلىرى بىلەن ئىلمىي ماقالە، مەخسۇس ئەسەرلەرنى تەڭ ئۈنۈملۈك باھالاشنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىش ئورنىدىكى مۇھىم ئارتىسلارنىڭ نىسبىتىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش كېرەك. سېرىك، ئۇسسۇل، مۇزىكا، ئەلنەغمە، چامباشچىلىق قاتارلىق ئالاھىدە ئىش ئورۇنلىرىدىكى ئارتىسلارغا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قانۇن بويىچە قاتناشتۇرۇپ، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىپ، كەسپىي زەخىم كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكى ئارتىسلارنى تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى، سەنئەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق ۋە سەنئەت يۇرتى-ئۆمەكلەرنىڭ ئىجادىيەتچىلىك (يېتەكچىلىك)، سەنئەتنى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا پائال يېتەكلەش ۋە قوللاش كېرەك.

  (7) ئورۇنلاشتۇرۇش مۇۋاپىق بولغان تىياتىرخانا تەمىنلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئۆزگەرتىش (كېڭەيتىش)، يېڭىدىن قۇرۇش، ئىجارىگە بېرىش، ھاۋالىلىك تىجارەت قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، تىياتىرخانا ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ئورنىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، شەھەر-يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلايدىغان، ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇپ ئەلالاشتۇرىدىغان، ئېشىش مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدىغان، جايلىشىش ئەھۋالىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان تىياتىرخانا تەمىنلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، ئالاقىدار يىرىك پىلان، مەدەنىيەت ئاساسى ۋە ئىجتىمائىي ئېھتىياج قاتارلىق ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ تىياتىرخانا (مەيدان)، ئەسلىھە، سورۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سەھنە ئويۇن ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىلىدۇ. دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆمەكلىرى بىلەن تىياتىرخانىلارنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۆمەك-مەيدانلارنىڭ ھەمكارلىقى»، «ئۆمەك ئارقىلىق مەيداننى يېتەكلەش» ياكى «مەيدان ئارقىلىق ئۆمەكنى يېتەكلەش»نى قوللاش كېرەك.

  شەھەر-يېزا ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى ۋە مەيدانلاردىن پائال پايدىلىنىپ سىرتتا ئويۇن قويۇش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش لازىم. ئويۇن قويۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش لازىم. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، مەكتەپلەر، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار قاتارلىقلارنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئويۇن قويۇشىغا ھەقسىز ياكى ئېتىبار بىلەن تەمىنلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. شارائىتى بار جايلارنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆمەكلىرى نەق مەيداندا ئويۇن قويۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇن قويۇش ئۆمەكلىرىنىڭ لىنىيە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تىياتىرخانا ۋە نومۇر بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، سۈپەتلىك ئويۇن قويۇش بايلىقىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  (8) دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ قوش ئۈنۈم بىرلىككە كەلگەن تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى يارىتىش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى باھالاش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجادىيەت، ئويۇن قويۇش ۋە سەنئەتنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجە-ئۈنۈمىنى نۇقتىلىق باھالاش، باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە مۇۋاپىق شەكىلدە ئاشكارىلاش، باھالاش نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ مەزمۇن ئىجادىيىتىنى ئاساسىي كەسىپ قىلىپ، مەزمۇن يېتەكچىلىكى ۋە سەنئەت سۈپىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىشتەك دائىملىق خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ.

  دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى سىرتقا چىقىرىش خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك. دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆمەكلىرىنى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە ئىجتىمائىي سەنئەتنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ئەلا سۈپەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەت بايلىقىنىڭ كارخانىلارغا، يېزىلارغا، مەكتەپلەرگە، مەھەللىلەرگە، گازارمىلارغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش ياكى ئەسلىھە-ئۈسكۈنە ئىئانە قىلىش، ياردەم بېرىش تۈرى، ياردەم بېرىش پائالىيىتى، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

  3. كاپالەت تەدبىرلىرى

  (1) تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش لازىم. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆمەكلىرى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ چوڭ-چوڭ ئىشلاردا تەدبىر بەلگىلەش، سەھنە سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنىنى كونترول قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىش خىزمىتىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈپ، شۇ جاينىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى كونكرېت تەدبىرلىرىنى تۈزۈشى كېرەك. پارتكوم تەشۋىقات تارماقلىرى ماسلاشتۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىدىغان، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولىدىغان، ئاپپارات ئىشتاتى، تەرەققىيات-ئىسلاھات، مالىيە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تارماقلار پائال ماسلىشىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت كاپالىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  (2) سىياسەت كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆمەكلىرىنى قوللاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئىجاد قىلىش،بارلىققا كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللاپ، مەدەنىيەت-سەنئەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. دۆلەت سەۋىيەسى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرىدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ ئىجاد قىلىپ يارىتىشىغا پائال يار-يۆلەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىياتىر ئىجادىيىتى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ھۆججەت-ماتېرىياللارنى قۇتقۇزۇش، ساقلاش، ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئويۇن قويۇش ۋە تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئويۇننىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، رىقابەت ئارقىلىق ئەلالىرىنى تاللاپ، قوبۇل قىلىش سۇبيېكتىنى بېكىتىش كېرەك. باشقا مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىغا ئايرىپ بېرىلگەن ھەمدە ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن)گە قاراشلىق تەشكىلىي تۈزۈلۈشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان تىياتىر ئۆمەكلىرى شەرتكە ئۇيغۇن كەلسە تىجارەتلىك ئويۇن قويۇش ئىجازەتنامىسى بەرسە بولىدۇ. ساقلاپ قېلىنغان مۇنەۋۋەر تىياتىرلارنى ھۆكۈمەت سېتىۋېلىپ قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھەر يىلى يېزا-بازارلارغا ئەلنەغمە سوۋغا قىلىش قاتارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  (3) ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش لازىم. دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ بىرتۇتاش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، كىرگۈزۈش، باشقۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش ۋە مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق زاتلار ۋە «تۆت بىر تۈركۈم» ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم سەھنە سەنئىتى ساھەسىدىكى باشلامچى ئىختىساسلىقلار ۋە سەنئەتكارلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. سېنارىست، كومپوزىتور، رېژىسسور، ئارتىس، چىراغ، سەھنە سەنئىتى، سەھنە نازارەتچىلىكى قاتارلىق ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى، بولۇپمۇ ياش ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە زاپاس ساقلاشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانى ۋە تەربىيەلەش تۈزۈمىنى تۈزۈپ، ئارتىسلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئىش ئورنى ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەشكە ئىلھام بېرىلىدۇ. دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپلەر بىلەن ئىختىساسلىقلارنى بىرلىشىپ يېتىشتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ، شارائىتى يار بېرىدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ سەنئەت مەكتىپى ئېچىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىچكى-تاشقى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ مۇھىم ئارتىسلار ۋەكىللىرىنى ئىگىلىك باشقۇرۇش، تەدبىر بەلگىلەشكە قاتناشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدە شەرەپ قۇچقانلارنى تەقدىرلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو مەدەنىيەت-سەنئەت ھۆكۈمەت مۇكاپاتى (ۋېنخۇا مۇكاپاتى)نى باھالاش چارىسى ۋە مۇكاپات تۈرلىرىنى تەسىس قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ