مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: ئىنتايىن ناچار سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىك

2021.06.09 11:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 8-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى 6-ئىيۇن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنڭ C-17 تىپلىق تىرانسپورت ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ تەيۋەنگە زىيارەتكە بارغان. بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟

  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ھەربىي ئايروپىلان بىلەن زىيارەتكە چىقىپ، تەيۋەن مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ«سىياسىي ئويۇن» چىقىرىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئاتالمىش «جۇڭگونى تەيۋەن ئارقىلىق تىزگىنلەش» مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، بۇ ئىنتايىن قەبىھ سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىك، بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى ب د ت نىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر جۇڭگو توغرىسىدىكى ئورتاق تونۇشىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق، ھەمدە بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى ۋە تەيۋەننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك ھەم خەتەرلىك قىلمىشتۇر. دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى ئەگەر چەت ئەل كۈچلىرىگە تايىنىپ ئۆزىنى يۇقىرى تۇتۇپ، تەيۋەننىڭ تىنچلىقى ۋە مىللىي ھەققانىيەتكە پەرۋا قىلمىسا، ئەڭ ئاخىرىدا جەزمەن ئۆزىزىيان تارتىدۇ.

  ۋۇ چيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ئامېرىكىدىن تەيۋەن رايونى بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۆكۈمەت ئالاقىسى ۋە ھەربىي ئالاقىسىنى دەرھال توختىتىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە ھەرقانداق تۈردە خاتا سىگنال بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلىمىز. تەيۋەننىڭ ئىستىقبالى ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە باغلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە باغلىق. ۋەتەن چوقۇم بىرلىككە كېلىشى كېرەك، شۇنداقلا مۇقەررەر بىرلىككە كېلىشى كېرەك. ئەگەر بەزىلەر تەيۋەننى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىشقا پېتىنسا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي، قاتتىق زەربە بېرىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ