مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئىمتىھان سوئالىنى سۈرەتكە تارتىپ يوللاش ۋەقەسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى

2021.06.09 11:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر تورداشنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خۇبېيلىق بىر ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ماتېماتىكا قەغىزىنى سۈرەتكە تارتىپ مەلۇم APP غا يوللىغان، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزى 8 - چېسلا خۇبېي ئۆلكىلىك مائارىپ ئىمتىھان يۇرتىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئادىل، ھەققانىيلىقىنى ھەقىقىي قوغداشقا بۇيرىغان.

  ۋۇخەن شەھىرى خۇاڭپى رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى شۇ كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: 6- ئاينىڭ 7- كۈنى كەچتە، ئىمتىھان رايونىدا ئىمتىھان مەيدانى سىن كۆرۈنۈشىنى قايتا قويۇش ئارقىلىق، ئىمتىھان بەرگۈچى ۋۇ × × نىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يان تېلېفونىنى ئېلىپ ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ ئىمتىھان قەغىزىنى سۈرەتكە تارتقانلىقىدەك پاكىت مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ئىمتىھان نازارەتچىلىرىنىڭ مەيدانغا كىرىپ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ۋە ئىمتىھاننى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق مەسىلىسى ساقلانغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. نۆۋەتتە ئالاقىدار ئىمتىھان نازارەتچىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نازارەت قىلىش سالاھىيىتى توختىتىلدى، ئالاقىدار خادىملارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشىنى خۇاڭپى رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە ئورگىنى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. «دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىمتىھانىدا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»(مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 33- نومۇرلۇق پەرمانى)نىڭ 9- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان ھەر قايسى باسقۇچ، ھەر قايسى پەنلەرنىڭ نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ، ھەمدە كېيىنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ