مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى كىشى بېشىغا ھەر يىلى 580 يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ

2021.06.09 11:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەڭ يېڭى خەۋەر! ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئۆستى

  دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى يېقىندا «2021- يىللىق شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2021- يىلى ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مەبلەغ توپلاش ئۆلچىمىنى داۋاملىق ئۆستۈردى. ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى يېڭىدىن 30 يۈەن كۆپەيتىلىپ، ھەر بىر ئادەمگە يىلىغا 580 يۈەندىن تۆۋەنبولماسلىقى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى ماس قەدەمدە 40 يۈەن ئۆستۈرۈلۈپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەر يىلى 320 يۈەنگە يېتىدۇ. مەركەز مالىيەسى بەلگىلىمە بويىچە يەرلىككە دەرىجىگە ئايرىپ ياردەم بېرىدۇ، غەربىي رايون، ئوتتۇرا رايونلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا %80، %60 نىسبەت بويىچە ياردەم بېرىدۇ، شەرقىي رايوندىكى ئۆلكىلەرگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا بەلگىلىك نىسبەت بويىچە ياردەم بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ