مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جاۋ لىجيەن ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئالاھىدە سوت كوللېگىيەسى» دېگەننىڭ قانۇن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

2021.06.09 13:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئالاھىدە سوت كوللېگىيەسى»نىڭ يېقىندا لوندوندا«ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى» ئۆتكۈزگەنلىكىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 8-ئىيۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاتالمىش بۇ «سوت» قانۇن بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز، ئۇ پۈتۈنلەي جۇڭگوغا قارشى قويۇلغان بىر مەيدان ئويۇندىن ئىبارەت. بۇ ئويۇندىن بىز شۇنى كۆرۈپ يېتەلەيمىزكى، بۇ«سوت» ئويۇنىدا،ئارتىستلار پەقەت قىلچە پاكىت ئاساسى بولمىغان ھالدا ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ۋەقەلىكنىلا سەھنىدە ئوينايدۇ، ھەمدە پەقەت سوتچىلار ئالدىن كۆڭلىگە پۈككەن يەكۈننى چىقىرىش بىلەنلا ئاياقلىشىپ، پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويمايدۇ، خالاس. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە قانۇنغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ، ئادىللىقنى قوغدىمىغانلىق. جاۋ لىجيەن يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرجۇڭگوغا قارشى جان ـ جەھلى بىلەن مەيلى قانچىلىك ئويۇن ئوينىسا ئوينىسۇن، شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو بارغانسېرى ۋە داۋاملىق تۈردە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ شىنجاڭغا ئوبيېكتىپ ۋە ئادىل نەزىرى بىلەن قاراۋاتىدۇ. يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، يەنە ئۆزى رول ئېلىپ ئەخمىقانە ھالدا ئويناشلىرى بىھۇدە ئاۋارىچىلىقدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ