مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مۇھىم قانۇن چىقىرىلدى ۋە قاراپ چىقىشقا سۇنۇلدى!

چەت ئەلگە قارشى جازا قانۇنى لايىھەسىنىڭ ئىككىنچى قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى

2021.06.09 13:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-قېتىملىق يىغىنى 6-ئاينىڭ7-كۈنى چۈشتىن كېيىن 1-ئومۇمىي يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شېن چۈنياۋ بەرگەن«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلگە قارشى جازا قانۇنى (لايىھە نۇسخىسى)»غا قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  مۇخبىرنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بىر مەزگىلدىن بېرى، بەزى غەرب دۆلەتلىرى سىياسىي مەشغۇلات ئېھتىياجى ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراش تۈپەيلىدىن، شىنجاڭغا ۋە شياڭگاڭغا چېتىلىدىغان ھەر خىل باھانىلەر بىلەن جۇڭگوغا قارىتا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، تۆھمەت چاپلاپ، بېسىم ئىشلىتىپ كەلدى، بولۇپمۇ خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن جۇڭگونىڭ ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرى، تەشكىلاتلىرى ۋە دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە قارىتا ئاتالمىش«جازالاش»نى يولغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشت. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇنداقلارنىڭ بۇنداق زومىگەرلىك قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى ئىپادىلىدى.

  دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە يادرولۇق مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداش، غەرب زومىگەرلىكى ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، مۇشۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئالاقىدار دۆلەتلەردىكى ئەمەلىي گەۋدە ۋە شەخسلەرگە مۇناسىپ ھالدا قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم جاكارلىدى. «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ». بۇ يىل مەملىكەتلىك«ئىككى يىغىن»نىڭ ئالدى-كەينىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بەزى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلار پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ، دۆلەت چوقۇم مەخسۇس تۈردە چەت ئەلگە قارشى جازا قانۇنى تۈزۈپ، ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلنىڭ كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە چەكلىشىنى كۈچلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش تىرىكى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، دەپ قارىدى. 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 ـ يىغىنى تەستىقلىغان «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى»دىكى «كېيىنكى بىر يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىلەر» دېگەن قىسمىدا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جازالاشقا قارشى تۇرۇش، ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش، باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى تەتۈر كونترول قىلىش قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى قانۇن«قورال ساندۇقى»نى تولۇقلاش كېرەك.ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىغا قويغان قانۇن چىقىرىش تەكلىپىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قارشى تۇرۇش ئەمەلىيىتى ۋە ئالاقىدار خىزمەت ئۇسۇللىرىنى خۇلاسىلەپ، چەت ئەلنىڭ ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش ئەھۋالىنى رەتلەپ، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن پىكىر ئېلىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلگە قارشى جازا قانۇنى (لايىھە نۇسخىسى)»نى تۈزدى. بۇ يىل 4 ـ ئايدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قانۇن چىقىرىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 ـ يىغىنىدا چەت ئەلگە قارشى جازا قانۇنى لايىھەسى تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىلدى. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى چەتئەلنى جازالاش قانۇنىنى تۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك قوللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى مۇكەممەل پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى دائىمىي كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، چەت ئەلگە قارشى جازا قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزدى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈردى، 13ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 ـ قېتىملىق يىغىنىغا قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە لايىھەنىڭ 2 ـ قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسىنى قانۇن بويىچە ئوتتۇرىغا قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ