ئۈرۈمچى– قورغاس- موسكۋا لىنىيەسىدىكى تۇنجى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن چىقتى

2021.05.31 12:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 5- ئاينىڭ 28- كۈنى ئۈرۈمچى– قورغاس- موسكۋا لىنىيەسىدىكى تۇنجى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قورغاس چېگرا ئېغىزىدىكى تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىققان. بۇ نۆۋەتچى پويىزغا 41 كونتېينېر قاچىلانغان بولۇپ، 1693.5 توننا پەمىدۇر قىيامى قاچىلانغان بۇ نۆۋەتچى پويىز كۈيتۈننىڭ غەربىدىن قوزغىلىپ، رۇسىيەگە قاراپ يولغا چىققان.

  5- ئاينىڭ 26- كۈنى مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىملىق ۋۇخەن - ئالمۇتا لىنىيەسىدىكى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى رەسمىي قاتنىغاندىن كېيىن، بۇ قېتىم قاتنىغان نۆۋەتچى پويىز قورغاس چېگرا ئېغىزىدىكى تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسىنى يەنىمۇ موللاشتۇردى، نۆۋەتتە لىنىيە سانى 26گە كۆپەيدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەلۇم تاشقى سودا كارخانىسىنىڭ دىرېكتورى ليۇ كەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىرغىچە، كارخانا بۇ يىل 14 مىڭ توننا پەمىدۇر قىيامى ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، سودا سوممىسى 10 مىليون 209 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. يېقىندا پەمىدۇر قىيامىنىڭ چەتئەل بازارلىرىدىكى ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى بىلەن، ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى ئېكىسپورت تىرانسىپورت ئۇسۇلى ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى. بۇ لىنىيەنىڭ ئېچىلىشى كارخانىلارنىڭ ئېكسپورت قىلىشى ئۈچۈن يېڭى يول ئاچتى، شۇنداقلا نۇرغۇن يېڭى خېرىدارلارنى جەلپ قىلدى.

  قورغاس تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش 3- بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ما فېي مۇنداق دېدى: پەمىدۇر قىيامى شىنجاڭنىڭ ئېكسپورت ئارقىلىق تاشقى پېرېۋوت قىممىتى يارىتىدىغان ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ قىزىل كەسپىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك مەھسۇلاتى. مەھسۇلاتلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېكسپورت قىلىنىشى ۋە تاموژنىدىن تېز ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، بىز 7 * 24 سائەتلىك ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى يولغا قويدۇق، يەنە بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت ھالقىسىدا ساقلاش ۋاقتىنى يەنىمۇ ئازايتتۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ