مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا ئىككى كىشى مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش پىدائىيسى دېگەن نامغا ئېرىشتى

2021.06.08 12:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2021- يىللىق «گۈزەل جۇڭگو، مەن ھەرىكەت قىلغۇچى» تېمىسىدىكى ئىلغار تىپلار تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. شىنجاڭدىن ئىككى كىشى مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنىڭ 2021- يىللىق100 نەپەر پىدائىيسى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى، بىر ئورۇن 2021- يىللىق مەملىكەت بويىچە ئامما قاتناشقان 10 ياخشى دېلو مىسالى قاتارىغا كىردى. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىشقا يېتەكلەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، گۈزەل جۇڭگونى بىرلىكتە قۇرۇش ئۈچۈن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى ۋە مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى «2021- يىللىق 'گۈزەل جۇڭگو، مەن ھەرىكەت قىلغۇچى' پۇقرالارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەت پىلانى» ئىلغار تىپلارنى تەشۋىق قىلىش، كۆرسىتىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، 100 نەپەر ئەڭ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش پىدائىيسى، ئامما قاتناشقان ئون ياخشى دېلو مىسالى، ئون ياخشى مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسى ئېچىۋېتىلگەن ئورۇننى تاللاپ چىقىپ، ھەمدە تىپىك ئىش-ئىزلار ۋە تىپىك تەجرىبىلەرنى تەشۋىق قىلدى.

  شىنجاڭدىن تاللانغان ئەڭ گۈزەل ئىككى مۇھىت ئاسراش پىدائىيسى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى نېفىت ئېلىش 2- زاۋۇتىدىن پېنسىيەگە چىققان كادىر ۋاڭ يەنمىڭ، شىنجاڭ خۇيگۇاڭ يېڭىلىق يارىتىش پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى تۇردى ئەلى بولدى،ئۇنىڭدىن سىرت، بەينياۋخۇي پىدائىيلار كوللېكتىپىنىڭ «شىنجاڭنىڭ سۈزۈك سۇ ۋە يېشىل تاغلىرى، ئاق قۇش كۆلى سۇلۇق يېرىنى قوغداش» مۇھىت ئاسراش تۈرىمۇتاللاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ