مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتتىن 52نى بىكار قىلدى

2021.06.08 12:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتتىن 52نى بىكار قىلغانلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇ شئېلان قىلدى. بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ روھى 26- مايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپپارات ئىسلاھاتىدىن كېيىنكى مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاش ۋە جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇشنى ياخشى ئىشلەشكە ئالاقىدار تەلەپلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، «دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ قىسمەن قائىدە ۋە مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى»، «دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى بىكار قىلىشنى قارار قىلغان باھا قائىدىسى خاراكتېرلىك قىسمەن ھۆججەتلەر مۇندەرىجىسى» ۋە «"جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي جازا قانۇنى"نى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يەرلىك نىزام، ھۆكۈمەت قائىدىسى ۋە مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىلگىرى تۈزۈپ تارقاتقان مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىدى.

  ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ "بۇلغىما چىقىرىش ھەققى ئېلىش ئۆلچىمىنى باشقۇرۇش چارىسى"نى ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىق 52 پارچە ھۆججەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدا ئاساسلىقى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ھۆججەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ ۋاقىت ئۈنۈمى ئۆتۈپ كەتكەنلىكى، يېڭى ھۆججەت ئورنىنى ئالغانلىقى ۋە ئاپپارات ئىسلاھاتىدىن كېيىنكى ئالاقىدار فۇنكسىيەلەر ئاپتونوم رايوننىڭ باشقا تارماقلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى سەۋەبىدىكى ھۆججەتلەر بولۇپ، بۇنداق ھۆججەتلەر مۇناسىپ ھالدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى يارىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ