مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ 2021-يىللىق كارخانىلارنىڭ مائاش يېتەكچى سىزىقىنى ئېلان قىلدى

2021.06.09 09:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇشى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2021-يىللىق كارخانىلارنىڭ مائاش يېتەكچى سىزىقى بېكىتىلگەن ھەم ئېلان قىلىنغان. 2021-يىلى، ئاپتونوم رايوندىكى كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىي ئۆلچەم سىزىقى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ %5تى بويىچە ئۆستۈرۈلۈپ، ئېشىش يۇقىرى چېكى ٪6.5كە، تۆۋەن چېكى 1.5% كە يەتسە بولىدىكەن.

  ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى نورمال، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئاشقان كارخانىلار ئۆلچەملىك ئىش ھەققى سىزىقىدىن پايدىلىنىپ، بۇ يىللىق ئىش ھەققىنىڭ ئېشىشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا بولىدىكەن. ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئېشىشى تېزرەك بولغان دۆلەت كارخانىلىرى ۋە دۆلەت پاي كونترول كارخانىلىرى «ئىككىدىن تۆۋەن بولۇش» پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلىشنى (يەنى مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تۆۋەن بولۇش، ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تۆۋەن بولۇش) ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، يۇقىرى چەك (ئالدىن سىگنال بېرىش سىزىقى) دىن پايدىلىنىپ، كارخانا مەسئۇلى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا بولىدىكەن. ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى ئاساسىي جەھەتتىن نورمال، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ناچارراق بولغان كارخانىلار تۆۋەن سىزىق بويىچە ئىش ھەققىنى ئۆستۈرسە بولىدىكەن. ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى نورمال بولمىغان، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى بىر قەدەر چوڭ بولغان ياكى ئېغىر زىيان تارتقان كارخانىلار ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنى نۆللۈك ياكى مەنپىي ئاشۇرسا بولىدىكەن، لېكىن كارخانىنىڭ نورمال ئەمگەك قىلغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بېرىدىغان مائاشى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئەمگەك مۇناسىۋىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېڭ چياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كارخانىلارنىڭ مائاش يېتەكچى سىزىقى ھۆكۈمەتنىڭ كارخانىلار مائاش تەقسىماتىنى قېلىپلاشتۇرۇشى ۋە تەڭشىشى بولۇپ، كارخانىلارنىڭ مائاش ئۆستۈرۈشىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچى تەرەققىي قىلغان كارخانىلارنىڭ يىللىق مائاش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۆلچەم سىزىقىدۇر. ئۇ گەرچە مەجبۇرلاش خاراكتېرىگە ئىگە بولمىسىمۇ، لېكىن كارخانىنىڭ ئىش ھەققىنى نورمال ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە يېتەكچىىلىك رولىغا ئىگە بولۇپ، كارخانا بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى كوللېكتىپ كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇش ھەمدە كارخانىنى ئىش ھەققىنىڭ ئۆستۈرۈشىنى مۇۋاپىق بېكىتىشتە پايدىلىنىش ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ھەر قايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لەرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ مائاش يېتەكچى سىزىقىغا ئاساسەن، ئۆز رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەمگەك كۈچى تەننەرخى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ مائاش يېتەكچى سىزىقىنى تۈزۈپ ئېلان قىلسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ