مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ 2021-يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى

2021.06.09 09:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2021-يىللىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئىشلارنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئەسكەرتىش بەردى.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى كەسپىگە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار شۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى كېرەك ھەمدە تۆۋەندىكى سالاھىيەت شەرتلىرىنى ھازىرلىشى كېرەك: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولۇشى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيۈشى كېرەك. ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشى، خەلقنى قىزغىن سۆيۈشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى قىزغىن سۆيۈشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن جاپاغا چىداپ ئۆگىنىشى، جان پىدالىق بىلەن تۆھپە قوشۇشقا ئىرادە باغلىشى كېرەك. يېشى 16 ياشتىن يۇقىرى، 22 ياشتىن تۆۋەن (1999-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2005-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە تۇغۇلغان) تويلاشمىغان بولۇشى؛ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن، شىنجاڭ (بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا نوپۇسى بار، (ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقاندا نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ئۆلچەم قىلىنىدۇ) بولۇشى؛ ياخشى ئىدىيەۋى سىياسىي ساپاسى ۋە ئەخلاق پەزىلىتى بولۇشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مەكتەپلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىي شەرتىگە ئۇيغۇن بولۇشى، ياخشى بەدەن ساپاسى ۋە پىسخىك ساپاغا ئىگە بولۇشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە بەدەن ئىقتىدارىنى باھالاش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى سىياسىي تەكشۈرۈشىدە « جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى كەسپى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس پەنلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى سىياسىي تەكشۈرۈش جەدۋىلى»، « جامائەت خەۋپسىزلىكى مەكتەپلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى كەسپى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس پەنلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى بەدەن ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ باھالاش جەدۋىلى» قاتارلىق ماتېرىياللار بىر تۇتاش ئىشلىتىلىدۇ، بۇنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق مەكتەپ ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزى ياكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا بېرىپ ئالىدۇ. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى ياكى ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزى ياكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا بېرىپ ئالسا بولىدۇ.

  ئومۇمەن جامائەت خەۋپسىزلىكى مەكتەپلىرىگە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار چوقۇم سىياسىي تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم كىملىكى، نوپۇس دەپتىرى، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى، بىر پارچە بىر سۇڭلۇق يالاڭ باش، كۆك تەگلىك سۈرىتى ۋە مەكتەپنىڭ يېتەكچىلىكىدە تولدۇرۇلغان ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئېلىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا بېرىپ، سىياسىي تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، سىياسىي تەكشۈرۈش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 6- ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە بولىدۇ.

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەر«شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»غا چىقىپ، ئالاقىدار ماتېرىياللارنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ