مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى ـ جىنەن ـ گۇيلىن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلماقچى

2021.06.09 11:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ساياھەتچىلەرگە سەپەر چىقىش قولايلىقى يارىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى 6 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى ئۈرۈمچى ـ جىنەن ـ گۇيلىن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلماقچى.

  6 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، لىنيە ئېچىلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى يولۇچىلارنى ئېتىبار ئايروپىلان بېلىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە جىنەندىن گۇيلىنغىچە بولغان تاق مۇساپە 600 يۈەندىن، ئۈرۈمچىدىن گۇيلىنگە بولغان تاق مۇساپە 1370 يۈەندىن، گۇيلىندىن جىنەنگە بولغان تاق مۇساپە 450 يۈەندىن، گۇيلىندىن ئۈرۈمچىگە بولغان تاق مۇساپە 1520 يۈەندىن باشلانغان(يۇقارقىباھالار باج ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان).

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى ئېچىلىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ كۆپلىگەن بېلەت زاكاز قىلىش سۇپىلىرىدىن تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدىن گۇيلىنغا قاراپ ئۇچۇشتا چوقۇم ئوتتۇرا لىنىيەدە ئالمىشىشقا توغرا كېلىدىكەن، ئوتتۇرا لىنىيەدە ئالمىشىدىغان شەھەرلەردىن تەييۈەن، بېيجىڭ، لەنجۇ، شاڭخەي، شىئەن قاتارلىق شەھەرلەر بار بولۇپ، ئوتتۇرا لىنىيەدە ئالمىشىش ۋاقتى ئادەتتە بىر سائەت 30 مىنۇتتىن ئىككى سائەت 40 مىنۇت ئارىلىقىدا بولىدىكەن. 6 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا لىنىيەدە ئالمىشىدىغان ۋاقتىنى قىسقارتىپلا قالماي، يەنە يۈك ـتاقلارنى ئاخىرغىچە يەتكۈزۈپ، ئوتتۇرا لىنىيەدە توختاپ يەنە قايتا ئېلىپ چىقىشتەك ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ