مىڭلىغان تاغ-دەريالاردىن ھالقىغان ئۇچرىشىش

−− لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، زىيارەت قىلىش خاتىرىسى

2021.05.25 19:56 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى خوتەن ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ مېۋىچىلىكى ياڭاق سودا بازىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. تەڭرىتاغ تورى، شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 20 نەچچە كىشى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولدى.

  بەش كۈندە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېمىلىق كۆرگەزمىسى»، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى، خەلقئارا چوڭ بازار، تۇرپان نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى، خوتەن شەھىرى تۈەنچېڭ قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مۇنداق دېدى: لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرى گەرچە جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىمقى زىيارەتتىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەنگەن گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى ئېچىلدى، بۇ بىر قېتىملىق تۇتاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش سەپىرى بولدى.

  ھەقىقىي شىنجاڭغا قارا چاپلاشقا بولمايدۇ

  5-ئاينىڭ 13-كۈنى، باش ئەلچىلەر ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى شىنجاڭغا كېلىپ، تۇنجى كۈنىلا «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېمىلىق كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆردى.

  باھامانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى روبېرت كۇاڭتى مۇنداق دېدى: «بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ بەزى ئەھۋاللىرىنى بىلدىم، كۆرگەزمىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھەقىقىي ئەھۋالىنى چۈشەندىم، جۇڭگونىڭ ئېيتقانلىرىنى دەلىللىدىم.» زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى خەلققە غايەت زور زىيان ئېلىپ كەلدى، مەيلى جۇڭگو ياكى باشقا دۆلەتلەر بولسۇن، ھەممىسى تېررورلۇققا قانۇن بويىچە زەربە بېرىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ