مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رۇسىيە - ئامېرىكا زۇڭتۇڭى 6- ئاينىڭ 16- كۈنى جەنۋەدە ئۇچرىشىدۇ

2021.05.26 13:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭ تور بېكىتىنىڭ 25- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن 6- ئاينىڭ 16- كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۇچرىشىدىكەن.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭ تور بېكىتى مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشتا رۇسىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە يەنىمۇ تەرەققىي قىلىش ئىستىقبالى، ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى ھەم رايون توقۇنۇشىنى مۇرەسسە قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

  ئامېرىكا ئاقساراي 25- چېسلا ئۇچرىشىش خەۋىرىنى جەزىملەشتۇردى. ئاقساراي قىسقا باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئامېرىكا - رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە ئالدىن كۆرەرلىك ۋە مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشتا بىر قاتار جىددىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

  بايدىن 15- ماي پۇتىن بىلەن بۇ يىل يازدا ياۋروپادا باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ياردەمچىسى ئۇشاكوف شۇ ئاينىڭ 25- كۈنى مۇنداق دېدى: پۇتىن بايدېن بىلەن 6- ئايدا ئۇچرىشىشى مۇمكىن.

  ئامېرىكا - رۇسىيە مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل جىددىي بولماقتا. بايدېن ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ھەربىي كونترول ساھەسىدە چەكلىك ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇردى، لېكىن ئۇكرائىنا، تور بىخەتەرلىكى، ئىنسانىي ھوقۇق، سايلامغا ئارىلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىختىلاپ كۆرۈنەرلىك بولۇپ، قارشىلىشىش كەسكىنلەشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ