215 بالىنىڭ جەسەت سۆڭىكى كانادادىكى ئىرقىي يوقىتىش قاراڭغۇ تارىخىنى ئېچىپ تاشلىدى

2021.06.04 08:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كانادا برىتانىيە كولومبىيە ئۆلكىسىنىڭ كانلۇپس شەھىرىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر ياتاقلىق مەكتەپنىڭ كونائورنى يەر ئاستىدىن 215 بالىنىڭ جەسەت سۆڭىكىنى بايقىغان، بۇ ۋەقە كانادادىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ ئىرقى يوقۇتۇشقا ئۇچرىغانلىق قاراڭغۇ تارىخىنى يەنە بىر قېتىم ئېچىپ تاشلىدى.

  ئۇزاقتىن بۇيان سەل قارالغان جىنايى قىلمىشلار، ئەزەلدىن سۈرۈشتۇلمىگەن مەسئۇلىيەت، شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىرقىي كەمسىتىش قاتارلىقلارنىڭھەممىسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە باشقا دۆلەتلەرگە قول شىلتىپ ئادەتلەنگەن كانادانىڭ يۈز ئابرۇيىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، بۇرغۇن ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىدى.

  بۇ ۋەقە پۈتۈن كانادانى زىلزىلىگە سېلىپ، نۇرغۇن جايدىكى خەلق ئۆزلۈكىدىن تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

  پائالىيەت مەيدانىدا گۈلۋە كارتوچكىلارنىڭ ئارىسىغا 215 جۈپ ئاياغ ياكى 215 دانە ئويۇنچۇقنى قويۇپ، بۇ كىلىشمەسلىككە ئۇچۇرىغان بالىلارنى ئەسلىدى.

  كانادانىڭ ئەسلىدىكىيەرلىك ئاھالىلەر تەشكىلاتى بىرىنچى قېتىملىق مىللەتلەر قۇرۇلتىيى مەملىكەتلىك قەبىلە باشلىقى پېررى بېلگارد تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەينى يىلى ياتاقلىق مەكتەپلەردە يەرلىك ئاھالىلەر چوڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان، بۇ قېتىم بايقالغان جەسەت سۆڭەكلىرى پەقەت بىر ئىرقىي يوقىتىشنىڭ تىپىك مىسالى خالاس. كانادادىكى يەرلىك ئاھالىلەر رەھبەرلىرى ۋە ئالىملار بۇۋەقە ھەرگىزمۇ بۇ خىل دېلولارنىڭ تۇنجى قېتم يۈز بېرىشى ئەمەس، كانادانىڭ باشقا جايلىرىدىكى يەرلىك ياتاقلىق مەكتەپلەردىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىدىغان ئىشلار يۈز بەرگەن.

  «بىرىنچى مىللەت» كانادا تەۋەسىدىكى شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىندىئانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئومۇمىينامى. كانادا فېدېراتسىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يەرلىك ئاھالىلەر بالىلىرى ئوقۇيدىغان ياتاقلىق مەكتەپ تۈزۈمىنى تەدرىجىي تەسىس قىلىپ، ئەسلىدىكى ئاھالىلەرنى مەجبۇرىي بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. 2015-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 19-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغىچە، ئاز دېگەندىمۇ 150 مىڭ ئىندىئان، ئىنيۇت ۋە مېتتىلار قاتارلىق ئەسلىي ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان بالىلار مەجبۇرىي مەكتەپكە كىرگۈزۈلگەن. بۇ مەزگىلدە، بۇ بالىلار ياتاقلىق مەكتەپتە جىنسىي پاراكەندىچىلىك، خورلاش، تەن جازاسى بېرىش ۋە ئېغىر كەمسىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندە 3200 بالا قازا قىلغان.

  بۇ قېتىمقى ۋەقە كانادانىڭ سىياسىي سەھنىسىنى زىلزىلىگە سېلىپ، ھەرقايسى پارتىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتتىن بۇۋەقەنى ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈپ، نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بېلگارد قاتارلىق ئەسلىدىكى ئاھالىلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ھۆكۈمەتنى ئەسلىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ كونا ئورنىنى ئىزدەپ، يەر ئاستىدا تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ جەسەت سۆڭىكى بار-يوقلۇقىنى بېكىتىشكە دەۋەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ