مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىۋېتسىيە باش ۋەزىرى ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىكى ئوغرىلىقچە ئاڭلاشتەك سەتچىلىكنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى

2021.06.04 09:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىۋېتسىيە باش ۋەزىرى لېۋېن 6-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ دانىيە ئارقىلىق باشقا ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىكى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئېھتىماللىقى بولغان ئېغىر ۋەقەلەرنى چوقۇم تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش كېرەك.

  شىۋېتسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لېۋېن شۇ كۈنى بىريۇسسېلدا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋون دېرلېيىن بىلەن كۆرۈشكەندە: «ئەگەر ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ۋەقەسى راست بولسا، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردە ئوغرىلىقچە ئاڭلاشنى يولغا قويۇشى ئىنتايىن ئېغىر ئىش. شۇڭا، بىز ھازىر بۇ ئىشنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈشىمىز كېرەك» دەپ ئېيتقان.

  ئۇيەنە مۇنداق دېدى: شىۋېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى خۇرتكۇئېست بۇ ئىش توغرىسىدا دانىيە ۋە نورۋېگىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە بۇ ئىشنىڭ يۈز بەرگەن-بەرمىگەنلىكىنى، كىملەرنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلانغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ قانداق ئاڭلىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈردى.

  دانىيە رادىيو شىركىتى 30-ماي ئالاھىدە خەۋەر بېرىپ، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى دانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات ئىدارىسى ئارقىلىق دانىيە ئالاقە تورىغا كىرىپ، ئەسلىي سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشكەنلىكى، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل ۋە فىرانسىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى سۆزىنىمۇ ئوغرىلىقچە ئاڭلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇنىڭغا ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ،ئەگەر بۇ ئىش راست بولسا، ئۇنىڭ خاراكتېرى تولىمۇ قەبىھ دەپ قارىدى ھەمدە دانىيە، ئامېرىكىنىڭ تېزدىن چۈشەندۈرۈش بېرىشىنى دەۋەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ