مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۇچۇش-قونۇش جازىسى نورمالسىز بولغانلىقتىن، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭىنى تۇنجى قېتىم زىيارەتكە ئېلىپ چىققان مەخسۇس ئايروپىلان مەنزىلگە قونالماي قايتىپ كەلدى

2021.06.08 14:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى كامال خارىس 6- چېسلا گۋاتېمالاغا بېرىپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارىتىنى باشلىماقچى ئىدى. ئۇ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئۇچۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇچۇش-قونۇش جازىسى نورمالسىز بولغانلىق سەۋەبىدىن مەنزىلگە قونالماي قايتىپ كەلدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خاررىس ئولتۇرغان ئايروپىلان ئۇچۇپ تەخمىنەن 30 مىنۇتتىن كېيىن مارىلاند ئىشتاتىدىكى ئاندرېۋس بىرلەشمە بازىسىغا قايتىپ كەلگەن. ئايروپىلان بىخەتەر قونغان. خاررىس ئايروپىلاندىن چۈشكەندە باش بارمىقىنى چىقاردى. «ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى.» دېمەكچىكەن.

  خاررىسنىڭ باياناتچىسى سىمونى ساندېس مۇنداق دېدى: ئايروپىلان خادىملىرى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش-قونۇش جازىسىنىڭ نورمال يىغىۋېلىنمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ مېخانىكىلىق كاشىلىلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايقىدى. ئۇ گەرچە «بىۋاستە بىخەتەرلىك مەسىلىسى» بولمىسىمۇ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۇلار يەنىلا ئاندرېۋس بىرلەشمە بازىسىغا قايتىپ كەلدى. بىر ئىختىيارىي مۇخبىر مۇنداق دېدى: ئۇ ئۇچۇش-قونۇش جازىسى ئايروپىلان ئۇچقاندا ئادەتتىن تاشقىرى شاۋقۇن چىقارغان، لېكىن، قونغاندا پۈتۈنلەي نورمال بولغان. خالىس ئارقىدىنلا يەنە بىر ئايروپىلانغا ئالمىشىپ، شۇ كۈنى كەچتە گۋاتېمالاغا يېتىپ باردى. بۇ خاررىسنىڭ 1- ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم چەتئەلگە زىيارەتكە چىقىشى. خارىس گۋاتېمالادىن باشقا، 8- چېسلا مېكسىكىغا بېرىپ بىر كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ